بسم الله الرحمن الرحيم
(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
كىرىش سۆز
گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان اﷲ غا خاستۇر. اﷲ نى ماختايمىز، ئۇنىڭغا تايىنىمىز، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمىز. نەپسىمىز ۋە ناچار ئەمەللىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن اﷲ غا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز. اﷲ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى، ئۇ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى يوقتۇر. ائاللاھ نى ھېچ شېرىكى يوق يەككە-يېگانە دەپ، اﷲ نىڭ دىنىنى ھەممە دىنلاردىن ئۈستىن قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ﷺ نى، اﷲ نىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز.

Yorum Gönder