بارچە گۈزەل مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان الله قا خاستۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ﷺگە، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق ساھابىلىرىگە بولسۇن!
اللهقا ھەمدە ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺگە دۇرۇت يوللاپ بولغاندىن كېيىن، مەقسەتكە كەلسەك:
ئى! ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم ... الله تعالى دىن گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرۈشىنى، قەدىر قىممىتىڭىزنى يۇقۇرى كۆتۈرىشىنى ۋە دۇنيا بەخىت - سائادىتى بىلەن ئاخىرەت نېئمىتىنى جەملەپ بېرىشىنى سورايمەن.
بىلگىن ئى ھەمشىرەم، شەك شۈبھىسىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىت - سائادەتكە، پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئېرىشەلەيسەن. الله تعالى نىڭ ساڭا ئىنئام قىلغان سان - ساناقسىز نېئمىتىنى ئەسلىگىن. شۇ نېئمەتنىڭ كاتتىراقى مۇشۇ مۇسۇلمان ئۈممەتتىن، الله تعالى نىڭ سېنى ئىنسانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشىسى قىلغانلىقىدۇر. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىتائىتىدە مۇستەھكەم تۇر ۋە ئۆزەڭنىڭ چوقۇم الله تعالى نىڭ قۇلى ئىكەنلىكىڭنى بىل. ھەر قانداق بۇيرۇلغان ياكى توسۇلغان ئىشلاردا شۇ ئەڭ ئالى ئېگەڭ بولغان الله تعالى نىڭ ئېيتقىنىدەك ئىتائەت قىل:

Yorum Gönder